خىتاينىڭ يېڭى تۈزگەن خەرىتىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى «خىتاينىڭ 2023-يىللىق ئۆلچەملىك خەرىتىسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن چېگرا جېدىلى بولغان قوشنا دۆلەتلەردىن ھىندىستان، فىلىپپىن، مالايسىيا، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا رادىيو شىركىتى (NBC) تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر خەرىتىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش غەرىزى ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. خىتاي يەنە تەيۋەننىمۇ ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدە دەپ ھېسابلىغان. جەنۇبىي دېڭىز ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى مۇھىم بولغان سودا-ئىقتىساد رايونى بولۇپ، مالايسىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ خەرىتىسىگە قارشى بايانات ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى رەت قىلغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇندا ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەننىڭ ھەرگىز خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ خەرىتىسىدە يەنە ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ۋىلايىتى (Arunachal Pradesh) ، خىتاينىڭ ھىندىستاندىن تالىشىۋاتقان ئاقسايچىن ئېگىزلىكى ۋە ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىقلار خىتايغا تەۋە قىلىۋېلىنغان، يەر ناملىرى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەرىتىگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنىدى. بۇ خەرىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەمدى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ بۇ يېڭى خەرىتىسىدە رۇسىيەگە تەۋە ئۇسسۇرىسكى ئارىلىمۇ خىتاينىڭ زېمىنىغا قېتىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ بۇنى رەت قىلغان.

خەلقئارا ئىنكاسلارغا كۆرە، خىتاينىڭ بۇ يېڭى خەرىتىسى خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان تەمەنناسى ۋە جاھانگىرلىك غەرىزىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.