ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكانىڭ خىتايغا داۋاملىق ياردەم قىلماسلىقى تەكىتلەنمەكتە

ئامېرىكادا خىتاينىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان ھاكىمىيىتى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكانى خىتاي بىلەن ئىلگىرىكىدەك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلارمۇ كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردىن «ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ئەمدى خىتايغا ياردەم قىلماسلىقى كېرەك» ماۋزۇلۇق كۆز قاراش ماقالىسىدا دەل شۇنداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا خىتايغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ياردەم قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆز تىجارىتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. بىز خىتاي ئارمىيەسىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بەردۇق، ئىككى ئەۋلاد ئىنژېنېر ۋە ئالىملىرىنى تەربىيەلەپ بەردۇق. خىتاينىڭ ھازىر بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلانغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز بىزنى يېمەكچى بولغان ئېيىقنى ئۆز قولىمىز بىلەن باقتۇق.»

ماقالىدە خىتاينىڭ كېڭىيىۋاتقان تاشقىي سىياسىتى، زامانىۋى ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئۈچۈن جىددىي بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقى، 2022-يىلى ئامېرىكانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇرۇشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ھازىرقى چېكىنىۋاتقان ئىقتىسادىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.

«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستا ئېرىشى» ناملىق يەنە بىر ماقالىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر ئاستا خاراكتىرلىق ئىقتىسادىي كرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالە ئاپتورى توماس دۇستېربېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرىگە قارىماي، غەرب ئانالىزچىلىرى ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر شى جىنپىڭنى بۇ كرىزىسنى كونترول قىلالايدۇ، دەپ قاراپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولماقتىكەن. بىراق ئاپتور بۇ ئۈمىدۋارلىقنى «خاتا» دەپ باھالىغان ۋە «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئورۇنسىز ئۈمىدۋارلىققا بېرىلمەي، ئەكسىچە خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈش ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنى توغرا مۆلچەرلىشى، ئۇنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك،» دېگەن.