خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان فىرانسىيە «لوبس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 31-دېكابىر خىتايدىن ئايرىلغان.
ئۇرسۇلا گوتىيىر ئايرودرومغا مېڭىشتىن ئىلگىرى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش كىنىشكىسىنىڭ ئۇزارتىلىشى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇرسۇلا خانىم يەنە ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى روھى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ: «رېئاللىقتىن ھالقىغان كۈچلۈك بىر تۇيغۇدا تۇرۇپتىمەن، ھەممە ئىشلار شۇنداق ھەيران قالارلىق ۋە تېز يۈز بەردى، بۇ رېئاللىقنى ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ» دېگەن.
ئۇرسۇلا 18-نويابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «18-سېنتەبىر باي ۋەقەسى» نىڭ «13-نويابىر پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي دېگەندەك خەلقئارا جىھادىي ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خالىمايدىغان شەخسكە ئايلانغان ئىدى.
ئۇرسۇلا خانىم سەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا: «ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25 دېكابىر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، 2015-يىل 31-دېكابىردىن قالماي خىتايدىن ئايرىلىشىنى ئۇقتۇرغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلانى ئۇ يازغان خەۋەر سەۋەبلىك خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ:«خىتاي تېررورلۇق چېمپىيونلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ھەرگىز قوللىمايدۇ» دېگەن.