خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى مەخپىي تەكشۈرگۈچىلەرگە زەربە بەرمەكتە ئىكەن

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامرىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى تا بۈگۈنگىچە ئېنىقلانغىنى يوق. تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە مۇخبىرلارغا كۆرە بۇ ناھايىتى سەزگۈر ھەم مەخپىي مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى مۇجياڭ دېگەن قاراڭغۇ تاغ جىلغىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر كان ئېغىزى بولۇپ، بۇ يەردە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بولغان شەپەرەڭ ياشايدىكەن. بۇ يەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىرەر يىپ ئۇچى بېرەلىشى مۇمكىن دەپ قارالغاچقا تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر شەپەرەڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇ يەرگە بېرىپ ئەۋرىشكە توپلىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. خىتايدىكى ۋىرۇس تەتقىقاتچىلىرى تاراتقۇغا چىقىپ ئاشكارە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بىر ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ۋە يوللارنى قامال قىلىۋالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى ۋىرۇس بايقالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن ھەمدە بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى خىتايدىن باشقا يەردىن كەلگەن دېگەن سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايقاشلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي پەن-تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئادەتتىن تاشقىرى نازارەت قىلىندىكەن، بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى ئاستىدا ئىشلەيدىكەن. خىتاينىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئون نەچچە بەتلىك بىر ھۆججىتى، بۇ بۇيرۇق، بۇ بېسىمنىڭ «ئالىي مەركەز» دىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن.