چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى كوزېر قىلىپ تۇرۇپ تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە يول ئاچىدىغان كېلىشىمنامىنى ماقۇللاشقا قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر تۈركىيەگە بۇ جەھەتتە «كۆرۈنەرلىك بېسىم» ئىشلەتمەكتىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى كوزېر قىلىپ قوللانماقتىكەن.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە گېزىتكە قىلغان سۆزىدە: «خىتايلار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىسىغا كىرىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىبۇرۇن نۇرغۇن جاسۇسلىرى بار. ئۇلار تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىشى ئۈچۈن پەردە ئارقىسىدا ناھايىتى زور بېسىم قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.
تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» 2017 يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان ۋە 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) دا تېخى ئاۋازغا قويۇلمىغان. ھازىر كېلىشىمنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى پەقەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغان بولۇپ، يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. دەل شۇ كۈنى خىتاينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تۈركىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنى كېچىكتۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.
تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئايقان ئەردېمىر بولسا «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچىسى» گە قىلغان سۆزىدە: «بېيجىڭ بىر ياقتىن تۈركىيەگە سالىدىغان مەبلىغىنى، يەنە بىر ياقتىن تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى كوزېر قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. تۈرك خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، بىراق ئەردوغان خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا كۆپ سانلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تۈركىيە-خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى ماقۇللىتىشى مۇمكىن،» دېگەن.
خەۋەردە يەنە تۈركىيە گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمەتنى مۇستەبىت يولغا باشلاپ، روسىيە ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قاتتىق يېقىنلاشتۇرغانلىقى، ئەگەر بۇ كېلىشىم ئىمزالانسا، تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەۋپ ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىم تۈركىيەدە ۋە باشقا ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە خەلقئارالىق قايتۇرماسلىق پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالاشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى. ئۇلار «بۇ كېلىشىم تۈركىيە تەرىپىدىن ماقۇللانسا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالىغا ئايلىنىشى مۇمكىن،» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن قېرىنداش بولغان تۈركىيە بۇ دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى دەپ قارىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نەزەردە تۇتقاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىدە ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.»