خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ 2017 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يوشۇرىدىغان سىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىش ئۈچۈن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ باياناتچىلىرى داۋاملىق ھالدا شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرنىڭ بۇ رايونغا كېلىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخىرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز دەپ بىلدۈرىگەن بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ بىلىش ئۈچۈن بارغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنى داۋاملىق نازارەت ۋە پاراكەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي زىيانكەشلىكلەرنى تونۇپ يېتىپ بۇ توغرىسىدا ماقالە يېزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.
ۋال سترىت ژورنىلىنىڭ پەيشەنبە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بارغان بۇ گېزىتنىڭ بىر مۇخبىرىنى باشتىن-ئاخىر نازارەت قىلىپ ئاۋارە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىلگەن. بۇ گېزىتنىڭ بىر ئايال مۇخبىر بۇ يىل يانۋاردا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇتى يەرگە تەككەن زامان خىتاينىڭ چاسنىي ساقچىلىرى ماشىندا ۋە يولدا ئۇنى نازارەت قىلىپ ماڭغان. خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا بۇ مۇخبىر تېزلا ماشىنا دۇكىنىنى سەيلا قىلىۋاتقاندا پاسپورتىنى تەكشۈرىپ بۇ يەرگە نىمىگە كەلگەنلىكىنى سورىغان.
بۇ مۇخبىر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە باشتىن-ئاخىر ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئىجابىي ئۆزگۈرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ مۇخبىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، نازارەت قىلىش خىتايدا ئومۇمىيۈزلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى نازارەتنىڭ كۆلىمى ئالاھىدە زور ئىكەن. بۇ شەھەردە خىتاينىڭ نازارەت كامېرالىرىدىن باشقا، يەنە ئالاھىدە ساقچى پوستلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ماقالىدىكى رەسىمدە تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرونېۋىك ئۈستىدە چوڭ بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ بازارغا كېلىدىغان خېرىدارلارمۇ ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن ئايردرومدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرىشتىن ئۆتىدىكەن.
بۇ ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كونتروللىقى ئېنىق ئىكەن. ئۈرۈمچى مەركىزىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئۈستىگە «ۋەتەننى سۆي، دىننى سۆي» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا «پارتىيەنى سۆي، ۋەتەننى سۆي، سوتسىيالىزمنى سۆي» دىگەن قىزىل لوزۇنكا ئېسىقلىق ئىكەن.
بۇ ماقالىدا يەنە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايونغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئاساسەن توختىغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن(Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئايرىلغانلىقى، ۋە BASF شىركىتىنىڭ ئىككى زاۋۇتتىن مەبلىغىنى ئاجرىتىپ چىقىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇيغۇر رايونىغا بارغان مۇخبىر ۋولكسۋاگوننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇدىنى زىيارەت قىلغىنىدا، ۋولكسۋاگېننىڭ ئىسمى ئۆچۈرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىناسى قۇرۇق جانسىز ھالەتتە قالغان ئىكەن.