بۇ ھەپتە تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان تايلاند مۇخبىرلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى باشلاپلا يۈرگەن ۋە ئۇلار تارتقا رەسىملەرنى كۆرۈشنى، ئۇلارنىڭ تەستىقىسىز ھەر قانداق رەسىمنى تايلاندقا يوللاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مۇخبىرلار يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى «يوقلاش» ئۈچۈن 18- فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان تايلاند ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنگەن مۇخبىرلار ئىكەن.
27-فېۋرال تايلاند دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، 2014-يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىلىرىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 40 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرغان.
2014-يىلى تاياندى ھۆكۈمىتى 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامىغان. 2015-يىلى بۇلاردىن 109 نەپىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان، بىر قىسىملىرى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەينى يىلى تايلاند تۈرمىسىدە يەنە 60 قا يېنىق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قېلىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىپ خەلقئارالىق ئاھانەتكە قالغان خىتاي دائىرىلىرى «تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋالنىڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تايلاند مۇئاۋىن باش ۋەزىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ۋە بىر قىسىم تايلاندلىق مۇخبىرلارنى قەشقەرگە 3 كۈنلۈك زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشقان تايلاند مۇخبىرى پرانوت ۋىلاپاسۇۋان فېيىسبۇكقا يوللىغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ تەقىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق يازغان: «تايلاند مۇخبىرلىرىغا بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەمراھ بولدى ۋە رەسىملەرنى تايلاندقا يوللاشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى». ئۇ يەنە، خىتاي خادىملىرىنىڭ رەسىمگە تارتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى غۇۋالاشتۇرۇشنى ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى رەسىمگە تارتماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى سۇناي فاسۇكنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى ئالدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن زىيارەت بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا جور بولغان.