يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، لېكىن بۇ دېموكراتىك سىياسىي ئىسلاھات ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، سانائەت، ئېنېرگىيە، سودا-ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە باشقا ھەر جەھەتلەردىكى ئىدارە قىلىش سىياسىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.
«تەڭرىتاغ تور» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى يېقىندا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت نۇقتىلىرى» نى رەسمىي تارقاتقان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن بۇ يىل ئېلىپ بارىدىغان 155 چوڭ كۆلەمدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ «بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تىجارەت ئورۇنلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش» ۋە باشقىلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
لېكىن بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىڭتۈەن بىلەن 14 ۋىلايەت ۋە شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش، يەنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرماقتا ئىدى.
يېقىندا «تەڭرىتاغ تورى» دا «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش يىغىنى ئارقىسىدىكى چوڭقۇر مەنىلەر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكىتلەنگەن شۇنىڭدەك بىڭتۈەننىڭ «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى، بىڭتۈەن ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچكە ئايلانغانلىقى» كۆرسىتىلگەنىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر 2025-يىللىق ئىسلاھات خىزمەت پىلانىدا يەنە قانۇنچىلىق، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى قۇرۇلمىسى ۋە باشقىلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشمۇ ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدەك يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىلەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.