خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە راكېتا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان «تازىلاش» تىن كېيىن، نۆۋەتتە بۇ خىل «تازىلاش ھەرىكىتى» خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىگە كېڭەيگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق ئالەم بوشلۇقى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭ ئۈچ نەپەر رەھبىرى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلانغان. خەۋەرلەردە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق شەخسلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ۋە راكىتا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى لى يۈچاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنغان ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇ قېتىم خىتاي ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يەنشېڭ، خىتاي شىمال سانائەت گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىچۈەن ۋە خىتاي ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چاڭچىڭنى ئەزالىقتىن ئېلىپ تاشلىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەزالىقتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق خوڭكوڭدىكى «يۇلتۇزلۇق ئارال» گېزىتى بۇ ئۈچەيلەننىڭ راكېتا قىسىملىرىغا چېتىشلىق سەۋەبلەردىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دائىرىلەر ھەربىي ساھەدىكى تازىلاشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە باغلىسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ تازىلاش شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى ياكى ئۇنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا تەھدىت، دەپ قارالغان شەخسلەرنى يوقىتىش ئۇسۇلى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
«ۋال سترېت گېزىتى» نىڭ 29-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دوڭ جۈن رەسمىي ھالدا لى شاڭفۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان لى شاڭفۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.