خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى موسكۋاغا قاراتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن روسسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك دوست ئىكەنلىكى ۋە ھەرگىزمۇ دۈشمەن بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ۋاڭ يى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە روسسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي خىتاي ئەتتىگەنلىك گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، روسسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋاڭ يىغا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇتىن يەنە خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ كېلەر ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش غەلىبە پارادىغا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بۇ كۆرۈشۈش توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما خاتىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنىڭ ۋە سىياسىي ئىشەنچىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي-روسسىيە مۇناسىۋىتى ئۆز جايىدا تۇرۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كەڭىيىپ ماڭىدۇ. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ھازىرغىلا باغلىنىپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كەلگۈسىگە قاراپ ماڭىدۇ» دېگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى روسسىيەنىڭ ھۆكۈمەت قولىدىكى رىئا نوۋاستى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي بىلەن روسسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك دوست ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ۋاڭ يى سۆزىدە، «مەڭگۈلۈك دوست بولۇش ۋە ھەرگىزمۇ دۈشمەن بولماسلىق پرىنسىپى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئالدىغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ئاساسىدۇر» دېگەن.
ترامپ ئامېرىكانىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولغاندىن بېرى روسسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭشەپ، روسسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بلۇمبېرگنىڭ 18-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن روسسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بەكلا يېقىنلىشىپ دۇنيادا ئامېرىكاغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت ترامپ فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، «مەن تارىخنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىنى كۆردۈمكى، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىرىنچى دەرس بولسا روسسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرگە بولۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك» دېگەن.
بلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار ترامپنىڭ روسسىيەنى يېنىغا تارتىشى، خۇددى پرېزىدېنت نىكسوننىڭ سوغۇق ئۇرۇش زامانىدا بۇ ئىككى دۆلەتنى پارچىلىغىنىدەك موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى پارچىلاش ئۇرۇنۇشى دەپ قارايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن روسسىيەنىڭ يېقىندا ئوكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ روسسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سېلىشىغا قاتتىق قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.