پىرېزىدېنت بايدېن شى جىنپىڭنى رۇسىيەگە ياردەم بېرىشنىڭ بەدىلى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

خىتاي، بۇ ھەپتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى NATO نىڭ ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق تېمىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاينى قايتا ئاگاھلاندۇرغان.

پىرېزىدېنت بايدېن ئۈچ كۈنلۈك يىغىننىڭ ئاخىرىدا، يەنى 11-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيەگە ياردەم بېرىش، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىشنىڭ بەدىلى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بايدېن مۇنداق دېگەن: «بىز (خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ) تىنچ ئوكيان ھاۋزىسى، شۇنداقلا ياۋروپاغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ بەدىلى بارلىقىنى تونۇپ يېتىشى، بۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنانى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىدە ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك.»

پىرېزىدېنت بايدېننىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ موسكۋانىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى قوراللاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، دۇنيانىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان خىتاي، «بۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئىقتىسادىي پايدا» غا ۋە «كۆزلەۋاتقان مەبلەغ» قە ئېرىشەلمەيدىكەن. بايدېن بۇ سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئالدىدا، NATO نىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، خىتاينى خوڭكوڭدا «دېموكراتىيەنى باستۇرۇش» ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە زۇلۇم قىلىش، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، قوشنىلىرىغا ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ستولتېنبېرگ يەنە بېيجىڭنىڭ زور كۆلەملىك ھەربىي قۇرۇلۇشىنى مەخپىي قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ۋە زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ستولتېنبېرگنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېلورۇسىيە بىلەن پولشا چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى، ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، NATO نىڭ مۇداپىئە تېررىتورىيەسى، ئافرىقا ۋە شىمالى قۇتۇپقا تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا NATO نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مىرسىيا گېئوئانا، خىتاينىڭ NATO ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مىرسىيا گېئوئانانىڭ «ياۋرو خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، «خىتاي رۇسىيەنىڭ شېرىكى» بولۇپ، «رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق مودېلى ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان» ئىكەن. ئۇ يەنە «بۇ خىتاينىڭ بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىزگە تەھدىت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىگە قارىتىلغان يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلماقتا. بېيجىڭ 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، NATO غا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسىنى «نەھەق ۋە يامان غەرەزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر ئورتاق خىتابنامىدە خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىكى «ھەل قىلغۇچ تەمىنلىگۈچى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.