خىتاينىڭ ئۆزەك قىيىنچىلىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ماڭغان

يېقىندا خىتاينىڭ ئەقلىفون ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان «خۇاۋېي» ئۆزىنىڭ Mate 60 Pro ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ ئامېرىكا قويغان ئۆزەك جازاسىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىدا غەربكە يېتىشىۋېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان.

بىراق، ئامېرىكادا نەشردىن چىقىدىغان «باررون» (Barron) ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ تەسلىشىۋېتىپتۇ.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر «خۇاۋېي» نىڭ يېڭى ئەقىلفونلىرىدا ئىشلىتىلگەن 7 نانومېتىرلىق تۈگۈندە ياسالغان ئۆزەكنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش شىركىتى (SMIC) ئىشلەپچىقارغان بۇ ئۆزەكنىڭ ئۆتكەن يىلى بىتكويىن تەڭگىسىنى قېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 7 نانومېتىرلىق ئۆزەك، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ 2018-يىلى ئىشلەپچىقارغان ئايفونلىرى (iPhone) دا ئىشلەتكەن ئۆزەكلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكادا 5 يىل ئارقىدا قېلىش دېگەنلىك ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدىكەن.

«باررون» نىڭ دېيىشىچە، «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ بۇ نۆۋەت يېڭى تېلېفونلىرىنى بازارغا سالغاندا، بۇرۇنقىنىڭ ئەكسىچە كۆپ تەنتەنە قىلماسلىقىمۇ بۇ پەرەزنى كۈچلەندۈرىدىكەن، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئالغا ئىلگىرىلىشىدە ئىككى تۈپ مەسىلە بار بولۇپ بىرى، خىتاي تېخى 7nm دىن ھالقىپ، 5nm ۋە 3nm لىق ئۆزەكلەرنى ياساش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن. بىراق بۇ تېخنىكا ئامېرىكادا ئاللىقاچان كەسىپ ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ بولغان.

يەنە بىرى، خىتاينىڭ قولىدا بار بولغان 7nm تېخنىكىسى بىلەن ئۆزەك ياساشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ۋە DUV دەپ ئاتىلىدىغان لىتوگرافىك زاپچاس ۋە سىستېمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەككەن. ئەمما بۇ زاپچاسلارنى ياسايدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان گوللاندىيەدىكى ASML Holding شىركىتى، بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ خىتايغا قاراتقان لىتوگرافىك چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. خىتاي ئەگەر ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپچاس ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭ ھازىرقى DUV سىستېمىسىمۇ بۇزۇلۇشى مۇمكىنكەن.

قىسقىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش تېخنىكىسىدا خىتاي غەربتىن خېلىلا ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ پات يېقىندا يېتىشىۋېلىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ئەمەسكەن.