خىتاي لوپنۇر ناھىيەسىدە يىپەك يولى تۇرالىرى مۇزېيى ئېچىپ، «قەدىمكى تۇرالار سەددىچىننىڭ داۋامى» دېگەننى بازارغا سالدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە «كۆنچى دەرياسى تۇرالار توپى سەددىچىن مەدەنىيەت باغچىسى»ناملىق بىر تۇر مۇزېيى ئېچىپ، «قەدىمكى تۇرالار سەددىچىننىڭ داۋامى» دېگەن قاراشنى رەسمىي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى سۈپىتىدە بازارغا سالغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 29-دېكابىر كۈنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. سىرتقى قۇرۇلۇش شەكلى تۇرالارغا ئوخشىتىپ لايىھەلەنگەن بۇ مۇزېينىڭ ئومۇمىي كۆرگەزمە كۆلىمى 2520 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 600 دەك مەدەنىي يادىكارلىق قويۇلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇزېي خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلانغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا يېزىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ مۇزېي ئارقىلىق كىشىلەردە «ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى تۇرالار سەددىچىننىڭ داۋامى» دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارغا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى »دېگەن تونۇشنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇزېيلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپلا قالماي، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ يېڭى زامانىۋى مۇزېيلارنى قۇرغان. بۇ مۇزېيلاردا ئىلگىرى كۆرگەزمە قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىقلار ئېلىۋېتىلگەنىدى . «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ خەۋىرىدە، «كۆنچى دەرياسى تۇرالار توپى سەددىچىن مەدەنىيەت باغچىسى» مۇزېيىنىڭ 5 بۆلەك، 17 كۆرگەزمە زالىدىن تەشكىل تاپقانلىقى ئېيتىلغان ھەمدە «بۇ كۆرگەزمىدە تارىخىي يادىكارلىقلار ، مەنزىرە نامايەندىسى، نەقمەيدان تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇلۇغ سەددىچىن تارىخىنىڭ مەزمۇنى جانلىق يورۇتۇپ بېرىلدى» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ مۇزېينىڭ «شىنجاڭدىكى تۇرالار ئارقىلىق سەددىچىننىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ، كۆپ قۇتۇپلۇق بىر گەۋدە بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چۈشىنىش سەھنىسى» بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقتە شەنخەيگۈەندىن باشلىنىپ، غەربتە گەنسۇنىڭ جيايۈگۈەنگىچە داۋاملىشىدىغان سەددىچىن سېپىلىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەردىن باشلاپ شىمالدىكى ھونلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سېلىنغانلىقى ھەممىسىگە مەلۇم.