خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» توغرۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» 20-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى» تېمىسىدا بىر يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرگەنلىكى» توغرۇلۇق لېكسىيە سۆزلىگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە مېدىيا ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تۇرسۇن ئەبەي «شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن خىزمەت ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى» تېمىسىدا لېكسىيە بەرگەن.

باش ئىشتابى قاھىرەگە جايلاشقان مىسىر-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىسىرنىڭ خىتايغا ئەۋەتكەن سابىق باش ئەلچىسى ئەلى ئەلھېفنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلىرىنى ماختاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنى مىسىردەك نامرات مۇسۇلمان دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قاھىرەدىكى «ئەرەب تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ئەبۇبەكرى ئەلدىب ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندىكى گۈللىنىش مەنزىرىسىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىن، ئەرەب ئەللىرىگە «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش» سەھنىسى بولغان. يەنى خىتاي ئىلگىرى مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي تەشكىلات ۋە ئاخبارات ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ تەكلىپ قىلىپ، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان بولسا، ئەمدى بۇ ھەرىكىتىنى بۇ مۇسۇلمان ئەللىرىگە كېڭەيتمەكتە ئىكەن. ئامېرىكانىڭ ئاقىللار مەركىزىدىن «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بىر ياقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلسا، بىر ياقتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا پۈتۈنلەي باشقا يۈزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.