خىتاينىڭ جاسۇس دېتاللىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى مەركىزى 8-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2 تور دېتاللىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلىپ، قاچىلىغۇچىلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇن يىغقانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

پاش قىلىنغان 2 دېتالنىڭ ئىسىملىرى ئاينۇرى (Moonshine) ۋە يامان بازار (BadBazaar) بولۇپ، دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇلارنى ياسىغان خىتاي شىركىتى يەنە بىر قانچە ئەپ دېتاللىرىنى ياسىغان ۋە ئۇيغۇر، تىبەت ھەم تەيۋەنلىكلەرنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. مەسىلەن، مەزكۇر شىركەت «ئاۋازلىق قۇرئان» ناملىق بىر ئەپنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا لايىھەلىگەن، شۇنداقلا تېلېگرام ۋە ۋاتساپ قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر توپلىرىغا تارقاتقان.

ئۇلارنى تېلېفونغا قاچىلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەپلەرنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارلىرى تېلېفون ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرى، خەتلىرى، پاراڭلىرى، رەسىملىرى ۋە ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىشقا باشلايدىكەن، ھەتتا تېلېفوننىڭ مىكروفون ۋە كامېرالىرىدىن پايدىلىنىپ نەق مەيداندىن ئاۋاز ۋە ۋىدىيولىرىنى ئالىدىكەن. شۇنداقلا يىغقان بۇ ئۇچۇرلارنى مەخسۇس بىر تور ئامبىرىدا ساقلايدىكەن.

ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىكى مەركىزى توردا مەشغۇلات قىلغاندا ئىشلىتىۋاتقان دېتاللارغا قاتتىق دىققەت قىلىشنى، گۇمانلىق ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرنى دوكلات قىلىشنى ھەمدە ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلار ئۈستىدە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتكەن.

ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى پائۇل چىچەستىر: «بىز مۇھاجىرەتتىكى جامائەتلەرنى جىمىقتۇرۇش، ئۇلارنى تىزگىنلەش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغان تور تەھدىت ھۇجۇملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاۋاتىمىز. بۇ 2 جاسۇس دېتالنىڭ ئىشلىتىلگىنىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا ئەنگلىيەدىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئامېرىكىلاردىكى تور بىخەتەرلىكى مەركەزلىرى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئاكتىپ ھەمكارلاشقان.