خىتاي كومپارتىيەسى جۈمە كۈنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى ما جيەننىڭ قانۇن تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ما جيەن ئىلگىرى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى. ئۇ، 2015-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ما جيەن ھازىرقى قەدەر خىتاي جاسۇسلۇق سىستېمىسىدىن قانۇن تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان قىسقا باياناتىدا، ئۇنىڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، قانۇن تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەزكۇر پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ما جيەن ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىجارى مەنپەئەتىگە چوغ تارتقان، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ۋە پارا ئالغان.
ما جيەن سابىق كومپارتىيە مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما جيەن قوشۇمچە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 8-ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، مەزكۇر ئىدارە چەتئەل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا، خۇسۇسەن چەتئەللىك دىپلومات، سودىگەر ۋە مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن.