خىتايدىكى چەتئەل مەبلىغى 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چەتئەل مەبلىغى 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» (Financial Times) نىڭ خوڭكوڭ پاي چېكىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىشىچە، بۇ يىل چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ پېيىغا سالغان ساپ مەبلىغى %87 تۆۋەنلەپ، 30 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە چۈشۈپ قالغان. دېمەككى، 2023-يىلى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار تەخمىنەن 29 مىليارد دوللارنى خىتاي پاي بازىرىدىن چىقىرىۋالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى كىرىزىس، زور قەرز، تۆۋەن ئىستېمال تەلىپى ۋە قاتتىق كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولالماسلىقىدەك ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك زەردارلىرىنىڭ بىرى بولغان «دۆلەت باغچىسى» گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستتا بانكا قەرزىنى تۆلىيەلمەسلىكى كىرىزىسنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇپ، مانا بۇ ۋەقەدىن كېيىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىكى پايلىرىنى كۆپلەپ سېتىشقا باشلىغان.

بۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردا چەتئەل شىركەتلىرىگە قىلغان زومىگەرلىك سىياسەتلىرىنىڭمۇ تۈرتكىسى بولغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر جۈمە كۈنى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىجارىي ساھەنى كونترول قىلىدىغان تېخىمۇ قاتتىق قائىدىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ تېڭشۈن، NetEase ۋە Bilibili قاتارلىق شىركەتلىرىدىكى پايلىرىنى سېتىۋېتىشىگە، نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.