خىتايدىكى پۇل قىسلىقى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىققا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ھازىرقى پۇل قىسلىقى (deflation) نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. CNN نىڭ 10-مارتتىكى ئوبزور ماقالىسىدە بۇ ئەھۋال تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىپ «بۇ ھال خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن زور خەتەرنىڭ بېشارىتى» دەپ خۇلاسىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) فېۋرال ئېيىدا 2024-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 0. 7 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بولغان پۇل قىسلىقى نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلانغانلىقىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تۈپكى جەھەتتىن ئالغاندا ئىقتىساد كاساتلىشىشقا قاراپ ماڭغاندا كۆرۈلىدىغان بۇ ھادىسە خىتاي ئۈچۈن خەتەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ پۇل قىسلىقى مەزگىلىدە پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاشىدىغان ۋە مال باھاسى تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا بازار كاساتلىشىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مال باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشىنى كۈتۈپ ئىستېمالدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بۇ ھال مال ئوبوروتىنى، بولۇپمۇ ئىستېمالنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئىستېمال سۈرئىتىنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىشى، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۆكۈشى ئىقتىسادتىكى ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە ھەر ساھەنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«گولدمان ساكس» (Goldman Sachs) مالىيە گۇرۇھى بۇ ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ «بۇ ھال شۈبھىسىزكى خىتاي ئىقتىسادىدىكى تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ مۇۋازىنىتىنى خاراپ قىلىدۇ. بۇ ھال ھازىر ئۆتكەن ئىككى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى» دېگەن.

خىتاي ئىقتىسادىدىكى مۇشۇ يۆنىلىش بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقاندا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان سودا ئۇرۇشى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ زور بازارلاردىن بولغان ئامېرىكا بازىرىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن دېرەك بېرىشكە باشلىغان. ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئۇرۇشى سۆھبەت شەكلىدە ئىزىغا چۈشكەن تەقدىردىمۇ بۇ ھال خىتاي ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.