خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەرگە 380 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3 ئاينىڭ 12-كۈنى، 2025-يىلدىكى «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سانائەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى 6 كارخانا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن 54 مەبلەغ تۈرىنى ئىمزالىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان سانائەت مەبلىغى 130 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇ يىل مەركەزگە قاراشلىق 40 تىن ئارتۇق كارخانا شىنجاڭدىكى مۇھىم تۈرلەرگە 380 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

مەزكۇر خەۋەردە مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئېنېرگىيە، داۋالاش، ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدە، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى چارلاش ۋە ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 2024-يىلى 58 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 32 مىليون 701 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز چىقىرىش مىقدارى 41 مىليارد 730 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2022-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %6 ئاشقان. بۇ مىقدارنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ مۇھىم نېفىت، گاز، تەبىئىي بايلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىنات بازىسىغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى چوڭ كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلىغىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقىنى تولۇق كونترول قىلىش يولىغا ماڭغان. دوكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي پىلانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.