ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بېيجىڭدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەڭگە قوماندانلىق قىلىش مەركىزى قۇرغان، ئۇنىڭ كۆلىمى ئامېرىكادىكى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
31-يانۋار كۈنى، ئامېرىكادىكى «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News)، ئەنگلىيەدىكى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يېڭى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 20 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، بۇ جاينىڭ يەر كۆلىمى 1500 ئىنگلىز موسى (تەخمىنەن 9000 مو) كېلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەربىي بازىنىڭ يەر ئاستى قۇرۇلۇش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كەلگۈسىدە يادرو ئۇرۇشى پارتلىغان تەقدىردە خىتاي قوماندانلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. «بېيجىڭ ھەربىي شەھەرچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىقسا، ئامېرىكانىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسىدىنمۇ چوڭ، يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي خىزمەت ئورنى بولۇپ قالىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2024-يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بولۇپ، 2027-يىلى، يەنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان يىلى پۈتىدىكەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى خىتاي كاتتىبىشى شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى يۇتۇۋالماقچى بولۇشى، تەيۋەننىڭ مىكرو ئۆزەك (چىپ) لىرىگە تايىنىپ قالغان ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دېننىس ۋىلدار بېيجىڭدىكى بۇ ھەربىي بازا ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇ يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ‹يادرو ئۇرۇشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش› تەييارلىقىنى ئاللىبۇرۇن باشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.