ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ باتارېيەسىگە تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ تورىدا بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسى (CCP) نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مونوپوللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «چەت ئەللىك رەقىب كۈچلەرنىڭ باتارېيەلىرىگە تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان.

بۇ قانۇنى لايىھەسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرىدىن كارلوس گىمېنېز (Carlos Gimenez) ئەپەندى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار بولغان «گوتيون» (Gotion) يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق ئالتە خىتاي شىركىتىدىن باتارېيە سېتىۋېلىشىنى توسىدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، لىتىي يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن بايقالغان لىتىي (lithium) زاپىسى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئومۇمىي لىتىي زاپىسى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. نەتىجىدە خىتاي چىلىدىن قالسىلا، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ لىتىي زاپىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، لىتىي باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ساھەسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە چەكلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى 150 كە يېقىنلاپ قالدى. بۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك زوراۋانلىقى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەركىنلىك ۋە ئادىل رىقابەتنى قوغداۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ».