خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن يەنى 31-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن (Jim McGovern) غا «ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىم ماكگوۋېرننى «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزگە زىيان سالدى» دەپ ئەيىبلىگەن؛ شۇنداقلا ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە «خىتايغا كىرىشىنى چەكلەش، خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش ۋە مال- مۈلكىنى توڭلىتىش» جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ھالبۇكى، جىم ماكگوۋېرن ئەپەندى بولسا X تا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ بىمەنە جازاسىنى ئۆزىگە بېرىلگەن بىر شەرەپ مېدالى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان جىم ماكگوۋېرن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن شەخس بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىنى چاقىرغان، سۆز قىلغان، لاگېر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشىدە مۇئەييەن رول ئوينىغان.
جىم ماكگوۋېرن ئەپەندى 31-ئىيۇل X دە ئېلان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:«خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە باشقىلارنىڭ گەپ قىلىشىنى خالىمىسا، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىشى، يەنى تىبەتتىكى زۇلۇمىنى ، شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەگە زەربە بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك».
جىم ماكگوۋېرن سۆزىدە يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىمەنە جازاسى ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق مۇنازىرىدىن قانداق قورقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيا ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر سۈكۈت قىلمايدۇ» دېگەن.