خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خام چوت لايىھەسىنى ئەيبلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىللىق خام چوت لايىھەسىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن قۇتۇلۇش ياردەم پۇلىنى قوشقاندا، ئومۇمىي خام چوت سوممىسى 2 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ خام چوت لايىھەسى سودا، ئەدلىيە، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىيەسى، پۇل-مۇئامىلە، دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەنگە ئالاقىدار خام چوت ھېسابىمۇ بار ئىكەن، بىراق بۇنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئىكەنلىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلانمىغان.
خىتاي ھەر دائىم ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى «بىزنىڭ ئىچكىي ئىشىمىز» دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدىمۇ، ئامېرىكانىڭ يەنىلا خىتاي بىلەن قانداقتۇر «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۇنىڭغا «تۆھمەت» قىلىۋاتقانلىقى ئەيبلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى دېگەندەك كونا سەپسەتىلىرىنى بازارغا سالغان.