خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقچى

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11 مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

مەزكۇر خەۋەردە دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەتلىك ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى تۈرىگە دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئاساسىي بازىسى قۇرۇلۇشى ‹14-بەش يىللىق پىلان› تەركىبىدە بولۇپ، بۇ، ئەلا سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇش تۈرىگە مەنسۇپ بولغان ئاساسلىق تۈردۇر».

يېقىندا، ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىسى ۋە DNA سى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭ 10 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدە دائىرىلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى ۋە كۆز قارىچۇقى قاتارلىق گېن ئۇچۇرى ئەۋرىشكىسى يىغىش خىزمەتلىرىنى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشلار بىلەن قىلىدىغانلىقىنى؛ بۇنى ئاھالىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىپ، ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغانىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقات، داۋالاش ۋە ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم.