خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسكە پاتقان پەيتتىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى» دا ئۇل ئەسلىھە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەبلەغ سوممىسى 12 مىليارد 440 مىليونلۇق 46 خىل قۇرۇلۇش تۈرىنى باشلىغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 2025-يىللىق بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھاۋا قاتنىشى، ئىقتىساد، سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال باجسىز رايون ئىسكىلات قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى، شۇنداقلا شىنچۈەن ئالتۇن كوچىسى، شاڭخەي سارىيى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە سودا تۈرلىرىنى، 2-باسقۇچلۇق فاڭشېڭ ۋە چىلۇ توقۇمىچىلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، «زور كۆلەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈمدارلىقى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان» بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى «قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدىكەن».
ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئەزەلدىنلا كۈجۈملەشكەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش باغچىلىرىغا تېخىمۇ مەھكۇم قىلىشىدىن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىشى، سىستېمىلىشىشى ۋە توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدىكى بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەشقەردىن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق خەلقئارا بازارغا، بولۇپمۇ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش سادالىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە باشلانغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىكى قەشقەر ئەقلىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۈرىنىڭ ئۆزىگىلا 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەر ئەقلىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى» شەرقىي رايون ئامبار ئەشيا ئوبوروتى، قۇرۇقلۇق پورتى ئەشيا ئوبوروتى، ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادى ۋە ئەقلىي ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىن تەشكىل تېپىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق باغچا، ئىككى رەقەملىك قوللىنىشچان سۇپا ۋە بەش سودا مەركىزى قاتارلىق كۆپ خىل سودا شەكلىنى بىرلەشتۈرگەن 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى بولىدىكەن.