«شىنخۇا تورى» نىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا «سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت قىلىش باش ئەترىتى» ، شۇنداقلا پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە مۇشۇ خىل مۇلازىمەت قىلىدىغان 14 تارماق ئەترەتنى قۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا سەپتىن چېكىنگەن، دەم ئېلىشقا چىققان ھەربىيلەر 50 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن 2439 مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغان. ئۇلار ئاساسەن خىتاي پۇقرالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان ھەمدە «خەلق ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى ھىمايە قىلىدۇ» دېگەن شوئار ئاستىدا پىدائىيلارچە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بارلىق ئەترەتنى ئىخچاملاپ، تەشكىللىك، سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى «كومپارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىدىغان قوشۇن» قىلماقچى بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس بىر نازارەت دەرىجىلىك ئورۇن قۇرۇلغان. مەزكۇر نازارەتنىڭ نازىرى يۈ دوۋشىڭ، «سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت قىلىش باش ئەترىتى» نىڭ ئەسكىرىي سەپتىن چېكىنگەن خىتاي ھەربىيلىرىنى شۇ جايغا يەرلەشتۈرۈش، رايونلاشتۇرۇش، شۇنداقلا جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇلارنى تەشكىللەپ ئىشقا سېلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قامال قىلىدىغان رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، رەسمىي ھەربىي قوشۇندىن باشقا يەنە بىڭتۈەن ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىم ھەربىي ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ئامېرىكادىكى ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بىڭتۈەننىڭ رولى ھەققىدە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ ھەمىشە قېرى ئەسكەرلىرىنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىشغالىيىتىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ھەربىيلەرنىڭ بۇ رايوندا «مەڭگۈ يىلتىز تارتىشى» نى سىياسەت قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.