خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقى، تەكلىماكان بويلىرىنى چۆرىدەپ كۆپ لىنىيەلىك تاشيول ۋە تۆمۈر يول ياسالغانلىقى ھەمدە جايلاردا ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ بىر-بىرلەپ تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ، 20-ئاۋغۇست ئىشقا كىرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يولۇچى توشۇش ئايرودۇرۇملىرى 27 گە يەتكەن. بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان 2-ئايرودۇرۇم بولۇپ، تاشقورغاندىكى خونجىراپ ئايرودۇرۇمى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئېگىزلىككە جايلاشقان. ئافغانىستانغا يېقىن بۇ ئايرودۇرۇمنى خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلاردىمۇ قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە يەنە، لوپنور كۆلىدىن چاقىلىققا بارىدىغان 300 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يولىنىڭ ئاساسىي بۆلىكىنىڭ تاماملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ تۆمۈر يول ئۈرۈمچى، قومۇل چاقىلىق، خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئىچكى ئايلانما تۆمۈر يولىنىڭ كەم يېرىنى تولۇقلايدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى 2023-يىل جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان 22 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» ۋە «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدى. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ غايەت زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قاتناش ۋە سودىدىكى رولىدىن كۆپرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.