مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ئىمزالىغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئەمدى ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق شىركەتلىرىنى دەرھال بۇ قانۇنغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا.

ئامېرىكانىڭ تىجارەت ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ تەتقىقات تور بېتى «jdsupra» تور بېتىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ قانۇن نەتىجىسىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (XUAR) دا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق تاۋارلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان، دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسىدىغانلىقىنى، چەكلىمىنىڭ يەنە تۆۋەندىكى ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلار: ئۇيغۇر رايونىدا تولۇق ياكى قىسمەن قېزىش ئېلىپ بارىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى قۇراشتۇرىدىغان ئورۇنلار، شىنجاڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش، پورت ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قوبۇل قىلىش ھەققىدە توختاملاشقانلار، ئالدىنقى ماددىلاردىكى شەرتلەر ئاستىدا قېزىۋېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئورۇنلار، تەمىنلەش زەنجىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ياكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇن ۋە ئەسلىھەلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ماقالىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ دەرھال بۇ قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇ يېڭى قائىدىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ۋە شۇنىڭغا ماسلىشىدىغان ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.