ئامېرىكا: ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشتە خىتاينىڭ رۇخسىتىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، تايلاندنىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشتە خىتاينىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاند مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، «ھېچكىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن جىددىي ئىلتىماستا بولمىدى»، دېگەن سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. تايلاند دائىرىلىرى ئالدىدا، 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 40 ئۇيغۇرنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقى»، چۈنكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق دۆلەت چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، ئارقىدىن، ئامېرىكانىڭ كەم دېگەندە بىر قېتىم، شۇنداقلا باشقا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بىر نەچچە قېتىم تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىلىق تەكلىپ سۇنغانلىقى، ئەمما ئەمما باڭكوك ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

تايلاند ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىددىي ئىلتىماستا بولمىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راست چالىچاندرا يەنە بۇنىڭ تايلاند مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان «ئەڭ توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەگەر 3-دۆلەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ھەقىقەتەن جىددىي بولسا، ئۇلار خىتاي بىلەن سۆزلىشىپ، تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى 3-دۆلەتكە ئەۋەتىشىگە رازىلىق ئېلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.

لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشتە خىتاينىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈرگەن: «شەخسلەرنىڭ قايتۇرۇلسا جازالىنىش ياكى تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بولغان جايلارغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى، جازالىغۇچى دۆلەت بىلەن مۇزاكىرە قىلىشقا بولمايدۇ.»

تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى قاتارلىقلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.