قازاقىستان ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نى باكۇدا ياڭراتتى

قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇقام فېستىۋالىغا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلىنى قاتنىشىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن پارچىلار ئورۇنداپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

7-مارتتىن 14-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر «مۇقام» فېستىۋالىدا تۈركىيە، مولدوۋا، پولشا، ئىران، ئىراق، ئۆزبېكىستان، ئىئوردانىيە، مىسىر، سۈرىيە، تاجىكىستان قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مۇقام سەنئەتكارلىرى ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

باكۇدىكى مەزكۇر مۇقام فېستىۋالىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆھپىكار ئارتىسى، تونۇلغان مۇقامچى مارات نورۇزوف ۋە بىر قىسىم يېڭى ئەۋلاد مۇقامچى ياشلاردىن مېھرات رەخمەتجانوف، ئۈمىد قاسىموف ھەم ئەزىز غاپپاروفلار ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان. لېكىن، خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقام ئانسامبىلى مۇقامچىلىرىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى قەيت قىلىنمىغان بولۇپ، روشەنكى مەزكۇر خەلقئارالىق مۇقام فېستىۋالىدا قازاقىستان ئۇيغۇر مۇقامچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى نامايان قىلغانلىقى مەلۇم.

ئەزەربەيجان ئۆز مۇقامچىلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقان بولۇپ، «ئەزەربەيجان» مۇقامى ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت مەنىۋى بايلىقى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

ئەلۋەتتە، مۇقام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مەۋجۇت خەلق مۇزىكا تۈرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۇلار ئىچىدە ھەجمى ئەڭ چوڭ ۋە ئۇزۇن، مۇزىكا ئاھاڭلىرى مول ۋە مۇرەككەپ، سۆز تېكىستلىرىمۇ ئەڭ مول ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئوخشاشلا ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.