«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 5-ئايدا تەكشۈرگەن ئاياغ ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ 27 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئىلگىرى مەلۇم بولمىغان بۇ نەتىجە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا قانچىلىك مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تاموژنا خادىملىرى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىزوتوپلۇق سىناق-تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ۋە ھىدروگېن ئېلېمېنتلىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئېنىقلاپ، ئۇنى كېۋەز ئۆستۈرۈلگەن رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن باغلايدىكەن.
تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 5-ئايدا 37 خىل كىيىم-كېچەكنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ، 10 خىلىنى «شىنجاڭ بىلەن ماس كەلگەن» دەپ قاراپ قايتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مىككىي (Mickey) ماركىلىق قىسقا يەڭ مايكا پاختا بىلەن نىلوندىن ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش مۇرەككەپ ئەھۋاللار مەجبۇرىي ئەمگەك تەركىبلىرىنى ئېنىقلاشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىزوتوپلۇق ئانالىز قىلىش ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتى ئەمەسكەن، ئۇلار پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ مەلۇم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىلا تەكشۈرىدىكەن. ئۇلار 2020-يىلدىن بۇيان، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈشنى يېڭى زېلاندىيەدىكى ئورىتەيىن (Oritain) شىركىتىگە ھاۋالە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا 1 مىليون 300 مىڭ دوللار خەجلىگەن. Victoria’s Secret, Ralph Laruen, Shein قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش توغرۇلۇق ئورىتەيىن بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان؛ ئەمما ئورىتەيىن شىركىتىنىڭ ئۇ مەھسۇلاتلارنى قانچىلىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن، يەنە كېلىپ، بۇ شىركەت ئۆتكەن يىل 12-ئاي، بۇ يىل 4-ئاي ۋە 5-ئايدا تەكشۈرگەن ئاياغ ۋە كىيىملەرنى ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنىڭ ئىسمىنى بەرمىگەن.