خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 171 كان تۈرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىشقا چىقارماقچى بولغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشىدا چوڭ تىپلىق سانائەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى، بۇنىڭدا مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، لىتېي قاتارلىق قىممەتلىك مېتال ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭمۇ يەنىلا نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«خەلق» تورىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رايوندىكى 171 كان تۈرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقى 18-مارت كۈنى ئاقسۇدا سېتىشقا چىقىرىلىدىكەن. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ مەركەزگە تەۋە كارخانىلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، خۇسۇسى كارخانىلار، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن 180 دەك ئورۇن ئاقسۇدىكى سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان. «خەلق» تورىنىڭ خەۋىرىدە، سېتىشقا چىقىرىلىدىغان 171 كان تۈرىنىڭ 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننى قاپلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىشنى تېزلەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى خىتاينىڭ كۆلەملەشكەن چوڭ تىپلىق دېھقانچىلىق فېرمىلىرىغا قوشۇپ بېرىپلا قالماي، تەبىئىي بايلىق كانلىرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭ شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى بۇ ئورۇنلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، 18-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سودىگەر چاقىرىشتا قوبۇقسار، ئاراتۈرۈك، چەرچەن، چاقىلىق، ئاقسۇ، ئېۋىرغول رايونى، نىيە، ئاقتۇ قاتارلىق ناھىيەلەردىكى كۆمۈر، تۆمۈر، لىتېي، ئانتېمونېي كانلىرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقى سېتىشقا چىقىرىلىدىكەن. خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2024-يىلى غۇلجا، خوتەن ۋە خىتاينىڭ تيەنجىن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سودىگەر چاقىرىشتا پۈتكۈل رايون مىقياسىدىكى 558 كاننىڭ ئېچىش ھوقۇقى سېتىلغانلىقى، بۇنىڭدىن 29 مىليارد يۈەن تاپاۋەت قىلىنىپ، مەيلى كان ئېچىش ھوقۇقى سېتىش جەھەتتە بولسۇن ياكى تاپاۋەت جەھەتتە بولسۇن تارىخىي رېكورت يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.