خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نېكىلنى ئۆز ئىچىگە ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مىنېرال كانلارنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى 18-مارت كۈنى سودىگەر چاقىرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 171 كاننىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىشقا چىقارغان. «ئىقتىساد» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاقسۇدا سېتىشقا چىقىرىلغان 171 بىر كان نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، لىتىي، كالىي تۇزى قاتارلىق 21 خىل مىنېرال ماددىغا چېتىشلىق ئىكەن. بۇ قېتىملىق سودا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كان بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىپ، رايوننى كۈنتاختا، لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى ماتېرىياللىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىدىن بېرىقى، بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ كان ھوقۇقىنى سېتىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سودىگەر چاقىرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنىڭ كېلەچەككە مەبلەغ سېلىش» ئىكەنلىكى، «شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئۇقۇمىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقى ھەم شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي يېقىندا غەربنىڭ ئېمبارگوسى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ كۈشەندىگە ئايلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، بۇ قېتىملىق سېتىشتا قايسى شىركەتلەر قايسى كانلارنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغانلىقى ۋە ئومۇمىي توختام سوممىسى مەلۇم ئەمەس. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2025-يىلى ئېچىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان مىنىستىرلىق ۋە رايون دەرىجىلىك كان تۈرلىرى 200 ئارتۇق بولۇپ، نۆۋەتتە 45 خىل تۈرنىڭ قېزىش ۋە ئېچىش ھوقۇقى سېتىشقا چىقىرىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ 45 خىل تۈرنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس، لىتىي، كالىي تۇزى قاتارلىقلار قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.