خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال قېزىلما بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتىكەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 19-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، 2024-يىلى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق بايلىق مەنبەسى مول رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ، مىنېرال قېزىلما بايلىق مەنبەلىرىنى قېزىشقا قوشۇمچە ياردەم بېرىشىنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە مىنېرال بايلىقلىرىنى قېزىشنى كېڭەيتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2025-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزىدىلا مىنېرال قېزىلما بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە 650 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا مىنېرال بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاجراتقان پۇلى 2023-يىلىدىكى 150 مىليون يۈەندىن كۆپ ئارتىپ كەتكەن.
خەۋەردە، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى مىنېرال كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شىددەتلىك كېڭىيىپ، رېكورت ياراتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 18-مارت ئاقسۇدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆمۈر، نىكېل، ئالتۇن مىس، لىتىي، كالىي قاتارلىق 171 كان تۈرىنىڭ قېزىش ھوقۇقىنى سېتىشقا چىقىرىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان. خىتاي «ئىقتىساد» گېزىتىنىڭ 19-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، 2025-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىنىستىرلىق ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك 200 دىن ئارتۇق كان تۈرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ كانلارنىڭ ئالتاي، قوبۇقسار، غۇلجا، ئاقسۇ، چەرچەن، چاقىلىق، قۇمۇل، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىر دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال ماددىلىرىنى كونترول قىلىش ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى يارقىن مەسىلە بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى 44 خىل ھالقىلىق مىنېرال ماددىنىڭ 30 خىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئىكەن. ھالبۇكى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە، شۇنىڭدەك گرېلاندىيە، ئۇكرائىنا، كونگو قاتارلىق دۆلەتلەردە كان ئېچىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بېيجىڭنىڭ بۇ ساھەدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى ئاجىزلىتىشقا كىرىشىشى، بۇ رىقابەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.