مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

بۇ يىل 5-ئاپرىل كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىنقىلابنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ 35 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ پاجىئەلىك كۈننى تۈرلۈك نامايىش ۋە يىغىنلار بىلەن خاتىرىلىگەن. ئەمما ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقتۇ ناھىيىسىدە ھېچقانداق قىرغىنچىلىق بولمىغاندەك ناخشا-سازلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا زور تەسىر قوزغىغان بارىن ئىنقىلابى ھەر يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيەلەردە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7-ئاپرىل بىر ۋىدىئولۇق خەۋەر تارقىتىپ، ئۇنىڭدا قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆرۈك چېچىكى ئاستىدا باھارنى تەبرىكلىگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرى ئۆزىنىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارالماقتا.

بارىن ئىنقىلابى – 1990-يىلى 5-ئاپرىل ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بوغۇلغان دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى نىشانلانغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىشىدىن باشلانغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان 200 گە يېقىن كىشىنى قاتتىق باستۇرغان ۋە بىر قانچە ھەپتىگىچە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولىغان، ھەتتا قانۇنسىز ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن 18000 ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى قانلىق قىرغىن قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئاران 20 گە يېقىن دەپ جاكارلىغان.