خىتاي تەتقىقاتچىلىرى قەشقەر-گۋادار كارىدورىنىڭ ئامانلىقىنى شەخسى شىركەتلەرگە كۆتۈرۈپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى

يېقىندا، خىتاينىڭ بىر تەتقىقات ئورنى دوكلات تەييارلاپ، قەشقەر -گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنى قوغداشنى خىتاي شەخسى بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دوكلات خىتاي «خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ چۇڭياڭ ئىنستىتۇتى بىلەن «سەيجىڭ» ژۇرنىلى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

دوكلاتتا، قەشقەر -گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان شىركەتلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان. قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى خىتاينىڭ «بىر لىنىيە بىر بەلۋاغ» پىلانىدىكى ھالقىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى ھاۋا، تاش يول، تۆمۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەقە قىلغان. ئەمما بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن.

بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، پاكىستاننىڭ بالتىستان-گىلگىت ۋە بالۇجىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. بالۇجىستان رايونىدا خىتاي ئىشچى ۋە ئىنژېنىرلار بالۇجىستان قوراللىق ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، بالتىستان -گىلگىتلىق پائالىيەتچىلەر، بۇ قۇرۇلۇش بالتىستان-گىلگىت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ كارىدورنى قوغداش خىتاي شەخسى بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە كۆتۈرۈپ بېرىلسە، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.