ئۈرۈمچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا خىتاينىڭ يېڭى ئەندىشىلىرى ئىپادىلەنگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە يىغىن چاقىرىپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتى» نى مۇھاكىمە قىلغان.

پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «بايلىقنى ئېچىش بىلەن تېجەشنى بىرلەشتۈرۈش، زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ يولدىن تەبىئىي بايلىق ئىزدەش، مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، مەركەزنىڭ ھەر تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ تولۇق ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى يېتەكلەشكە پايدىلىق بولغان چوڭ تۈرلەرنى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال سانائىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەردە كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى» دىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئويلاش، پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش» تاكتىكىلىرىنى تۈزگەن.

يىغىندا ما شىڭرۈي «ئۈرۈمچىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى» نىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى، بۇ شەھەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بىڭتۈەننىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ شەكىلۋازلىقتىن قۇتۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشىنى، قىيىنچىلىق ۋە خەتەردىن قورقماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خەلقئاراغا بىراقلا تونۇلغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردىن، خىتاينىڭ بۇ شەھەرنى بىڭتۈەننىڭ ياردىمى بىلەن تامامەن ئۆزگەرتىپ، خىتاينىڭ كۈچى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدىغان مەركەزگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىش ۋە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سىياسىي تەرەققىياتلارنىڭ خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىشىدىن كېيىن ئېچىلغان بۇ يىغىندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەشلىرىمۇ ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مۈشكۈلات ۋە ئەندىشىلەرنى ئىپادىلەپ بەرگەن.