ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ يەنى شۈموگۇۋ رايونىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 2007 يىلى بۇلاقتاغ يايلىقىدىكى 100 دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ 1980 مو ئەتراپىدىكى يايلىقى دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئىككى يىل يايلاقنى دەم ئالدۇرۇش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نامىدا تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلغان قازاق چارۋىچىلار تۇرمۇشتا موھتاجلىقتا قالغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق چارۋىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلاقتاغ رايونىدىكى چارۋىچىلار 80-يىللارنىڭ بېشىدا ئادەم بېشىغا 45 مو يايلاقنى 50 يىللىق كۆتۈرىگە ئالغان. 2007-يىلىغا كەلگەندە دائىرىلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارقىلىق بۇ يەردىكى 100 دىن ئارتۇق چارۋىچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «2007-يىلدىن 2009-يىلغىچە ئىككى يىل ئىچىدە يايلاقنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش پىلانىغا ئاساسەن يايلاقتا چارۋا بېقىش ۋاقتىنچە توختايدىغانلىقى، ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن يايلاقنىڭ يەنە چارۋىچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما چارۋىچىلار ئىككى يىلدىن كېيىن يايلاقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، دائىرىلەر ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ يايلاقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. يېقىنقى يىللاردا يايلاق ئورنىغا داچىلار سېلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، قازاق چارۋىچىلاردىن 10 نەچچە كىشى يايلاقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلغاندا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەۋەتكەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئەرز قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق چارۋىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي تاغ،(نەنسەن). شىمالىي تاغ (بېيسەن)، شەرقىي تاغ (دوڭسەن) رايونىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى «تاغنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراش» دېگەندەك ناملار بىلەن، تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، چارۋا بېقىشتىن مەھرۇم قىلىنغان چارۋىچىلار تۇرمۇشىنى قامداشقا ئامالسىز قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.