«بۈگۈنكى تۈركىيە» گېزىتىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق كارخانىسى قۇرۇشقا كېلىشكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى مەھمۇد گۈرجان (Mahmut Gürcan) تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمايىل ھەققى مۇسا (İsmail Hakkı Musa) نىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «تۈركىيە-خىتاي سودا مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. مۇراسىمدا مەھمۇد گۈرجان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىدىن باشقا يەنە ساياھەتچىلىك، يۈك توشۇش، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكلىرى خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بەكمۇ كۆڭۈلدىكىدەك مۇھىت بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا مەھمۇد گۈرجان يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلاردىن ئەركىن تۇنىياز ۋە ما شىڭرۈي بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ «پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئاچقۇچلۇق ئامىللاردىن ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كونكرېت قەدەملەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلىگەن ئېگىز-پەسلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەمدىلىكتە ئورتاق مەبلەغ سېلىپ سودا كارخانىسى قۇرۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى مەلۇم. يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىق ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.