ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان دونالد ترامپ ئىش باشلىغان بىرىنچى كۈنىلا «تىك-توك» نى چەكلەشنى 75 كۈن كېچىكتۈرىدىغان مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان. بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ بۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن سودىلىشىش ھەمدە «تىك-توك» نى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتكە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان.
باش ئىشتابى خىتايدا بولغان «تىك-توك» خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىپ خىتايغا پايدىلىق تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.
2024-يىل ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيە ماقۇللىغان «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا تاقابىل تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» شۇ يىلى 4-ئايدا سابىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن قانۇنغا ئايلانغانىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، «تىك-توك» 2025-يىل 19-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكاغا سېتىلىش ياكى ئامېرىكادا چەكلىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنىدى.
CNN تورىنىڭ 20-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «تىك-توك» نى چەكلەشنى 75 كۈن كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» نى دەرھال ئىجرا قىلمايدىكەن. چۈنكى مەزكۇر قانۇن پىرېزىدېنتقا بۇ قانۇننى ئۆز قارارى بويىچە ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بەرگەن ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن، 19-يانۋار كۈنى 14 سائەت تاقىلىپ قالغان تىكتوك 20-يانۋار چۈشتىن كېيىن قايتا ئېچىلغان.
پىرېزىدېنت ترامپ «تىك-توك» نى چەكلەشنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇققا بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدە، «تىك-توك» نى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغاندا، قارشى تەرەپ بىلەن مۇۋاپىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى، ئۇنى چەكلەشنى كېچىكتۈرگەندە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «تىك-توك» نى چەكلەشنى كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن. قانۇن بەلگىلىمىسىدە، پەقەت «تىك-توك» نى ئامېرىكاغا سېتىش كۈنتەرتىپى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدىلا پىرېزىدېنتنىڭ ئۇنى چەكلەشنى ئۇزارتىش ھوقۇقى بولىدىكەن. ھالبۇكى، «تىك-توك» نىڭ بېشىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى «تىك-توك» نى ئامېرىكاغا سېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ «تىك-توك» نىڭ خىتاينىڭ «مەخپىي قورالى» ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتتە كوزىر قىلىپ قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.