خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى 4-لىنىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەن

خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى چوڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان «غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى 4-لىنىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۆلىكىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن پۈتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 6-سېنتەبىر بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكى ‍ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن باشلىنىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى 71.5 پىرسەنتكە يەتكەن. «غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولغان 4-لىنىيە گاز تۇرۇبا يولى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى بولسا، ئۇنىڭ 2016-يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلەنگەن «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-لىنىيەسى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلۇغچاتتىن باشلىنىدىغان تۇرۇبا يولى 4-لىنىيەسى نىڭشيانىڭ جوۋېي شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 3340 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىسمىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقىنىڭ 583 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ 561 كىلومېتىرلىق تۇرۇبا يولىنى كەپشەرلەش تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيەسىنىڭ تۇرپان بىلەن جوڭۋېي ئارىسىدىكى 1745 كىلومېتىرلىق قىسمى بۆلىكى ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمى ئىكەن. خەۋەردە، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيەسى پۈتسە، بۇ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ قالغان لىنىيەلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك قانىلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بەزى ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى قاتارلىق ئامىللار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.