تايلاند ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئىككى تەرەپ سودا ئەركىن سۆھبىتىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ياۋروپا پارلامېنتى 13-مارت قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تايلاندنىڭ سودا مىنىستىرى بۇنىڭ تايلاند-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا سۆھبىتىگە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئىمزالىنىشىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند سودا مىنىستىرى پىچاي نارىپتافان (Pichai Naripthaphan) ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تايلاند-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى رەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل 25-دېكابىرغىچە تاماملىنىشىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ياۋروپا پارلامېنتى بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 13-مارت كۈنى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىغان قارار لايىھەسىدە، تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى تەنقىدلەپلا قالماي، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاند بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش قانۇنى» نى ئىسلاھ قىلىشى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە تايلاندتا قەپ قالغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشنى چاقىرغان.

ياۋروپا پارلامېنتى قارار لايىھەسىدە يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» گە دۇچ كېلىش خەۋپىدە قالىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن تايلاند «مىللەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند سودا مىنىستىرى پىچاي نارىپتافان 14-مارت مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ سودا، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىسسارى مارو سەفكوۋىك بىلەن ئۈنۈملۈك مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە تايلاند خەلقئارا سودا سۆھبىتى ئىدارىسىنىڭ باش دىرېكتورى چوتىما يېسۇۋاستىكۇل، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قوشنىلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىش پۇرسىتى كۈتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ھازىرغا قەدەر سۆھبەتتە بىرەر مەسىلە تۇغۇلغانلىقى ياكى كېچىكىش بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى كۆرمىدۇق» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس» ئىكەن.