تايلاند ھۆكۈمىتى 18-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى يوقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇنتام ۋاچاياچاي 13-مارت مۇخبىرلارغا تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ 18-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىن تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ 3-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى تەسكىن تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارالغان تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ زىيارەت پىلانى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكى، بەلكى ب د ت مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا بارىدىغان ئۆمەككە پەقەت ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ياكى ھۆكۈمەتپەرەس تاراتقۇلارنى تاللاش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. تايلاند «مىللەت» گېزىتى 13-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تايلاند خەلقلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى راڭسىمان رومېنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا پەقەت ھۆكۈمەتپەرەس تاراتقۇلارنىلا تەكلىپ قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن پۇنتام ۋاچاياچاي بۇ جەھەتتىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۇلار تاللىغان ئۆمەكنىڭ ھەربىي ئايروپىلاندا بارىدىغانلىقى ۋە ئايروپىلاندا پەقەتلا 20 كىشىلىك ئورۇن بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆمەك تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىغا بارىدىغان مۇخبىرلارنى ھۆكۈمەت باياناتچىلار گۇرۇپپىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى تاللىغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن قانداق شەكىلدە ۋە شارائىتتا ئۇچرىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پۇنتام ۋاچاياچاي مۇخبىرلارغا تەنقىدچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۈتۈشىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر بۇ زىيارەت پەقەت تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

«مىللەت» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى راڭسىمان رومې، ئۆمەك تەركىبىدىكى مۇخبىرلارنىڭ مۇستەقىل خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكى بارلىقىغا سوئال قويغان. تايلاندنىڭ 27-مارت كۈنى 11 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە نۇرغۇن غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا تايلاندنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.