تايلاند ئەمەلدارلىرى تايلاند تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاچاياچاي بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋې سودسوڭ باشچىلىقىدىكى تايلاند ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 19-مارت چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، بۇ يىل 27-فېۋرال تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

تايلاند «مىللەت»گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى شۈ داتوڭ كۈتۈۋالغان، شۇنداقلا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «كۈندىلىك ئىشلىرى» غا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى چى يەنجۈن بىلەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە، خىتاي تەرەپ تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن. نۆۋەتتە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇردىن كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«مىللەت»گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جىرايۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قەشقەردىن 100 كىلومېتىر يىراقتا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىدىغانلىقى، ھەر ئىككى گۇرۇپپىغا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى 27-فېۋرال تۇيۇقسىز خىتايغا قايتۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، خەۋەرلەردە تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاچاياچاينىڭ 18-مارت قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنى يوقلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ئىكەنلىكىنى، يوقلىيالمىغانلار بىلەن سىن ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلىش، يەرلىك مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇيغۇرلار بىلەن ئېكران سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشۈش، قەشقەر مېھمانخانىسىدا كەچلىك كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. ھالبۇكى، نۆۋەتتە بۇ تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.