تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرى مەزكۇر دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دەپ كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 27-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلاردىن 40 نەپىرىنى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى نىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرمايمىز دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى قايتۇرۇشى خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن ئىش ئىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان. مەزكۇر زىيارەتتىن بىر ئاي ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا تايلاندقا ئىلتىماس سۇنغان ۋە بۇ مەسىلە تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخپىي مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلانغان ئىكەن.
8-يانۋار كۈنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلاردىن قايتۇرۇش ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىنغان. ئۇلار ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىش قارارى 17-يانۋاردىلا مەخپىي ھالدا بېكىتىپ بولۇنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلارغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە تەشكىلاتلارغا بۇنداق پىلاننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ يالغان باياناتلار بەرگەن. ھەتتا بۇ توغرىسىدا 2 قارار سوتمۇ ئېچىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا تېخى ئېنىق ھۆكۈم چىقمىغان ئىدى.
تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 18-مارتتىن 20-مارتقىچە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلاردىن پەقەت ئالتىسى بىلەنلا كۆرۈشكەن. ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ زىيارەتلەر قاتتىق چەكلىمىلەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.