تايلاند ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكانىڭ جازاسىغا يۇمشاق ئىنكاس قايتۇرغان

«تايلاند ئولۇسى» (Nation Thailand) خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى تايلاندنىڭ ئالدىنقى ئايدا 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا يولغا قويغان ۋىزا جازاسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا تايلاندنىڭ يۇرتلىرىدىن قوغلانغان كىشىلەرگە، يەنى مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشتىكى «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى» تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو 14-مارت ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ماركۇ رۇبىيو باياناتىدا، ئېمبارگو قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىغا جاۋابكارلىقى بولغان ياكى ئۇنىڭغا شېرىك بولغان ھازىر ۋەزىپىدىكى ۋە ياكى بۇرۇنقى سابىق تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق، بۇ سىياسەتنى دەرھال ئىجرا قىلىمەن».

تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەنلىكى» ۋە «بۇ گۇرۇپپىنىڭ بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا يەنە تايلاندنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشتىكى «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى» نى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باياناتتا يەنە تايلاندنىڭ «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئامېرىكا بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە يېقىن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى» گە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) نىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى، تايلاند-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تايلاند-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ : «تايلاندنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى بار. تايلاند ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە شېرىكى، ئۇلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى بار. شۇنداقلا خىتاي بىلەن چوڭقۇر ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋىتىمۇ بار. شۇڭا ئۇلار ھەم ئامېرىكانى ۋە خىتاينى خۇشال قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەنىدى.