ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو 14-مارت تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتىن ۋىزا ئېمبارگوسىنىڭ يېقىندا 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان تايلاند بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان ھازىر ۋەزىپىدىكى ياكى بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۇلارغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇشىدۇر. ماركۇ رۇبىيونىڭ 14-مارت ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن، مەن يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى سىياسىتى ئېلان قىلىمەن. بۇ چەكلىمە ئۇيغۇرلارنى ياكى خىتايدىن قوغداشقا ئېھتىياجلىق بولغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان ۋە ياكى تىل بىرىكتۈرگەن ھازىر ۋەزىپىدىكى ۋە ياكى بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزۈلىدۇ. بىز خىتاينىڭ ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ياكى باشقا مىللەتلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىمىز. بۇ كىشىلەر (خىتايدا) تەن جازاسى ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە ئۇچرىماقتا.»

ماركۇ روبىيو ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تايلان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رۇبىيو شۇ قېتىملىق باياناتىدا: «بىز تايلاندنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقدىشىمىز بولۇشى سۈپىتىدە، بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق چۆچۈدۇق» دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاچاياچاي 40 ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىل 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلۇش قارارىنى تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە ئۆزىنىڭ بىرلىكتە چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ماركۇ رۇبىيو باياناتىدا، ئېمبارگو قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىدا جاۋابكارلىقى بولغان ياكى ئۇنىڭغا شېرىك بولغان ھازىر ۋەزىپىدىكى ۋە ياكى بۇرۇنقى سابىق تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق، بۇ سىياسەتنى دەرھال ئىجرا قىلىمەن.»

باياناتتا يەنە: «بىز خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.