تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال (پەيشەنبە كۈنى) تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

تايلاند ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە يەنە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، ئۇلارنىڭ بىخەتەر 3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە قىلغان بارلىق چاقىرىقلىرىغا، كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي ئاقىۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنى يەنىلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى قايتا-قايتا رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەتلىرىدە دېرىزىلىرى قارا يوپۇقلار بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بىر نەچچە يۈك ماشىنىسىنىڭ باڭكوكتىكى بۇ ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە شىمالغا قاراپ شەھەرنىڭ دون مۇياڭ ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، بۇ ئاپتوموبىللار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

تاراتقۇلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، مەخسۇس ئاجرىتىلغان خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەتىگەن سائەت 4:48 دە دون مۇياڭدىن ئايرىلغان بۇ ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش مەنزىلىنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان.

تايلاند باش مىنىستىرى پېيتوڭتارن شىناۋاترا ۋە ساقچى باشلىقى كىترات پېنفېت دەسلەپتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەي تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن بولغاندا خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. ساقچى باشلىقى كىترات مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، 40 نەپەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن. تايلاند تۈرمىسىدە 48 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، تايلاند ۋە خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 40 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى مۇساپىرلارنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇ ئۇيغۇرلارنى مەھبۇسلۇقتا قىيناپ، ئاقىۋەتتە يەنە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.