13-مارت كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارارنامە ماقۇللىغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تايلاندنى مۇساپىرلارنى ھاياتىي خەۋپى مەۋجۇت دۆلەتلەرگە قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.»
پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تايلاند ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ تايلاندتا تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
پارلامېنت ئەزالىرى يەنە مۇنداق دېگەن: «تايلاند خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى توختىتىشى كېرەك، خىتاي چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەركىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى ۋە قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك»
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى قارارنامىسى 57 گە قارشى، 482 بېلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.