تەيۋەن پارلامېنتى 30-دېكابىر كۈنى بىلەت تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن خىتاينىڭ ھەركىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ تونۇغان غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ سېپىغا قوشۇلغان. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى، كانادا، ئەنگىلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، چېخيە، لېتۋا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتكەن ئىدى.
تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تۈركىسى ۋە كومىتېت رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈنىڭ تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشى بىلەن 30-دېكابىر بىلەت تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى»، ئۇنىڭ ھەركىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقى» نى قارار قىلغان. قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۇيغۇر خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ قارارى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى مىھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى كەچمىشىلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «بارسا كەلمەس يەر» ناملىق كىتاب تەيۋەندە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بىر ۋاقىتتا، ماقۇللانغان. تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ 30-دېكابىر بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ئېلان قىلغان.
ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ دىڭيۈنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىغا سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىنى 14 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ ئىمزا قويغان بولۇپ، تەيۋەن پارلامېنتىدا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان.